ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى « ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» لايىھەسىنى قوبۇل...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-03 19:01

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جوننسون 10-ئاينىڭ 2 - كۈنى مانچېستېردا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا يېپىلىش نۇتقى سۆزلەپ، يېڭى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» لايىھەسىنىڭ قىسمەن تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى. يېڭى لايىھە بويىچە، ئەنگلىيە ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونى بىلەن ئىرېلاندىيەنىڭ « چېگرا سىزىقى ياكى يېقىن ئەتراپى» دا تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلمايدۇ، شۇنداقلا تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ « قاتتىق چېگرا » پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىدۇ .

جونسۇن مۇنداق دېدى: « ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » يېڭى لايىھەسى «ئىجابىي، مۇۋاپىق» تەكلىپ بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ مۇرەسسەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ يول قويۇشى كېرەك. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يېڭى لايىھەنى قوبۇل قىلمىسا، ئەنگلىيە 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىپ چىقىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有