ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتىن: رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن نورمال ھالەت قايتىشىنى ئۈمىد قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-03 18:59

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 10-ئاينىڭ 2 - كۈنى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 10-ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن شۇ كۈنى موسكۋادا 3-نۆۋەتلىك رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، رۇسىيە تەرەپ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ خىل ئەھۋال تېخى كۆرۈلمىدى، دېگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى كۆردى. رۇسىيە بۇنى قارشى ئالىدۇ ھەمدە ھەرقانداق پايدىلانغىلى بولىدىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار پىلانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有