ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەت ئەل رەھبەرلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-03 18:58

يەنە نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ ياكى خەت ئەۋەتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ .

نېپال زۇڭتۇڭى باندارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي نەتىجىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ « ئىككى 100 يىل»لىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .

بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. بېلارۇسىيە خەلقى ئىككى دۆلەت خەلقى ئورناتقان دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ .

ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ، ئىناق، يەنىمۇ گۈللىنىشىنى تىلەيمەن .

ئىراق زۇڭتۇڭى بارخام مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئىراق خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن ئەڭ سەمىمىي تەبرىكلەيمەن ۋە ئەڭ ياخشى تىلىكىمنى بىلدۈرىمەن. ئىراق ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ .

ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى رىفلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىسرائىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشىم شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىش ۋە كۈچەيتىشنى خالايدۇ .

نىگېرىيە زۇڭتۇڭى ئىسۇف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 70 يىل ئىچىدە جۇڭگونى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. مەن «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېنگوب قېرىنداشلارچە جۇڭگو خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نامىبىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ ، دېدى.

چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو خەلقى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدا زور ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈللىنىش، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولۇشىنى تىلەيمەن .

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تەن دېسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى : 70 يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت-سائادىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھىيە ساھەسىدە جارى قىلدۇرغان رەھبەرلىك رولىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ساغلام، بىخەتەر ۋە ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有