ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 81-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 81-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 12-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-سانلىق يىغىنىنى 20-يانۋاردىن 22-يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-سانلىق يىغىنىدا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، مەمۇرىي جازا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىلسا؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ قانۇن ياردىمى قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ كەسپىي ۋىراچلار قانۇنىنى تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ نەم يەرنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ ئائىلە مائارىپى قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى؛ گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بېيجىڭ پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىلسا.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ 25-سانلىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى باشقۇرۇش شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئايرىم-ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىلسا؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئايرىم-ئايرىم ئاڭلاپ ئۆتۈلسە؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىلسا؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىلسا؛ ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلسا.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېتنىڭ 25-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ 25-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 81-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 81-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 12-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.