يېڭىدىن 55 بىمار كۆپەيدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 12-يانۋار مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: 11-يانۋار سائەت 0 دىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دىياگنوز قويۇلغان 55 بىمارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار 13 بولۇپ، (شاڭخەيدە تۆت، لياۋنىڭدا ئۈچ، تيەنجىندە ئىككى، فۇجيەندە بىر، خېنەندە بىر، گۇئاڭدۇڭدا بىر، شەنشىدە بىر)، يەرلىك بىمار 42 بولۇپ، (خېبېيدا 40، بېيجىڭدا بىر، خېيلۇڭجياڭدا بىر)؛ قازا قىلغانلار، گۇمانىي بىمارلار يوق.