ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-09 16:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشىلار يىغىنى 8-يانۋار گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا ئېنېرگىيە بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قىش كىرگەندىن بۇيان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلار كۆمۈر، توك، تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى ۋە تەمىناتنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە نۇقتىلىق ئېھتىياجغا كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى مەزگىلدە نۇرغۇن جايلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، نۆۋەتتە يەنە «ئۈچىنچى چىللە كۈنى»گە قەدەم قويدى، ھاۋارايى تارماقلىرى يانۋارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتۈشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. كۆمۈر ماس كەلسە كۆمۈر، توك ماس كەلسە توك، گاز ماس كەلسە گاز ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىسسىنىشى، بولۇپمۇ شىمالدىكى رايونلارنىڭ ئىسسىنىشتا ئېنېرگىيە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، گازلىقنى بىخەتەر، ئەڭ يۇقىرى چەكتە گاز ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەپ، گاز ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتى بار رايونلارنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، نۇقتىلىق كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچى، كۆپ خىل توك مەنبەسىنى ئېچىپ، يۇقىرى دولقۇندىكى توك ئېھتىياجىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ سىرتقا توك يەتكۈزۈشىنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، توختام بويىچە كۆمۈر، توك، گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاممىنىڭ ھال ـ ئەھۋالىنى ئىگىلەشتە كىچىك ئىش يوق. خەلق تۇرمۇشىدا، گاز، توك، كۆمۈر ئىشلىتىشكە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش، ئادەم سەۋەبىدىن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويۇش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى كۈچەيتىش ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار قانۇن-نىزام، تۈزۈملەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا خىزمەت مېخانىزمىنى گەۋدىلىك مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، دوكلات قىلىش ۋە ئاشكارا ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تۈرىنى بېكىتىش ۋە جىددىي باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرگەن ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ نۇقتىلاردا يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، ھەتتا قىسمەن توپلاشما يۇقۇم كۆرۈلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يەرلىك ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «تۆتتە بالدۇر» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش-ئالدىن سىگنال بېرىش، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، داۋالاش-قۇتقۇزۇش، كىرىش ۋە يۆتكىلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئاشكارا ئېلان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشىلار يىغىنى 8-يانۋار گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا ئېنېرگىيە بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش؛