ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە 100دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەگە تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 16:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 18-نويابىر گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن جۇڭگولۇق ۋە چەتەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تۆمۈريول تارماقلىرى قۇرۇلۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، تىرانسپورت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرگەن، 14 مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات قاتارلىق كونا، ئاز سانلىق مىللەت چېگرا نامرات رايوندا تۆمۈريول ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا ئۈچ تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، تۆمۈريول ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %78ىنى ئىگىلىگەن؛ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى لىنىيە 36 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى لىنىيەنىڭ %83 ىنى ئىگىلىگەن.

يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ تۆمۈر يوللار دۆلەت دەرىجىلىك 274 نامرات ناھىيەنى قاپلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 100دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەگە تۆمۈر يول تۇتاشماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن. نۆۋەتتە، تۆمۈريول تورى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللار ئارىسىدىكى 154 رېلىسسىز بېكەت تەخمىنەن 600 دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەنى قاپلىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 832 نامرات ناھىيەنىڭ %73نى ئىگىلىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، تىرانسپورت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلغان. نامرات رايونلارنىڭ ساياھەت بايلىقى تولۇق قېزىلىپ، 2019-يىلى ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پويىزىدىن 594ى تەشكىللىنىپ، 376 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، لىنىيە بويىدىكى ساياھەت، سودا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھازىرغا قەدەر، دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان تۆت ناھىيە، رايون ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان تۆمۈريول ئارقىلىق نۇقتىلىق يۆلەيدىغان 51 نامرات كەنت ئۆز قەرەلىدە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھىدىن كەلگەن تۆمۈر يول ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى بەش كادىر ۋە تىپىك ۋەكىل «تۆمۈر يول ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش»نى چۆرىدەپ تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىلەندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت بويىچە 100دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەگە تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇلدى

مۇخبىرنىڭ 18-نويابىر گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن جۇڭگولۇق ۋە چەتەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تۆمۈريول تارماقلىرى قۇرۇلۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، تىرانسپورت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرگەن،