ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى بېيىش مېۋىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 18:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقچى ناھىيەسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە بولۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700مېتىردىن ئاشىدۇ، كىلىماتى ناچار، تەبىئىي مۇھىتى جاپالىق، ئېغىر نامرات رايونغا كىرىدۇ.

2006-يىلى بۇ جايدا 100 مو يەرگە جىغان تېرىلدى، جىغانلار ئىككى يىلدىن كېيىن مېۋە بېرىشكە باشلاپ، تۈپ مەھسۇلات مىقدارى8 كىلوگىرامدىن 12 كىلوگىرامغىچە بولدى. سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، شۇ جايدا جىغان كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلدى، بۇ تەدبىر ھەم يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ۋە يەرنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارىنى ئاشۇردى ھەم بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ھاۋانى ساپلاشتۇردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

جىغان «ئۈچىنچى ئەۋلاد مېۋە»دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ جايدىكىلەر نەزىرىنى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە قاراتتى. ئاقچى ناھىيەسى جىغان بايلىقىنى تېزدىن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ۋۇشى شەھىرىنىڭ ياردىمىدە جىغان ئىچىملىكى، جىغان مېيى، جىغان چېيى، جىغان ئاچچىقسۇسى قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقاردى. شىنجاڭ جۇڭكې جىغان پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ فاڭ تونۇشتۇرۇپ: بۇ يىل 2 - پەسلىدىلا شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى 5 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى دېدى.

24 ياشلىق چارشانال مادەن ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، بۇلتۇر 8-ئايدا، ئۇ بىر شىركەتنىڭ مېخانىك ئىشچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ماشىنا رېمونت قىلىش ۋە ئاسراشقا مەسئۇل قىلىندى. ھازىر چارشانالنىڭ بىر ئايلىق كىرىمى 2800 يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش، شۇ جايدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 17 نامرات ئاھالە شىركەت تەرىپىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى.

قۇلانساراق يېزىسىدا جىغان تېرىلغۇ كۆلىمى 27 مىڭ موغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاقچى ناھىيەسىدە جىغان تېرىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا - بازار بوپ ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 2019 - يىلى جىغان تېرىلغۇ كۆلىمى 2000 موغا يېتىپ، 196 نامرات ئائىلىنىڭ 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاقچى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دىلسۆيا شايىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە جىغان تېرىش كۆلىمى 65 مىڭ موغا يەتتى. جىغان كەسپى بۇ جايدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا زور تۈرتكە بولۇپ، كىرىم مەنبەسىنى كېڭەيتتى. ئۆتكەن يىلى جىغان ئۈزۈش تۈرىدىلا شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ 430 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشىغا ياردەم بېرىلىپ، پەسىل بويىچە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم ( قېتىم ) ئىشقا سېلىشقا تۈرتكە بولدى. بۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نەزىرىدە جىغان بۇ جاينىڭ مۇھىتىنى ياخشىلايدىغان ئېكولوگىيە دەرىخى، كارخانىنىڭ ئۈنۈم دەرىخى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بېيىش دەرىخى بولۇپ قالدى. 



中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى بېيىش مېۋىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقچى ناھىيەسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە بولۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن