ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 18:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ئاساسى تاشقىن مەزگىلىگە كىردى. تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ھۆل يېغىن، تاشقىن ئەھۋالىنى يەنىمۇ تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، نۆۋەتتىكى تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. جايلاردىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابلىرى دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

ئۇدا داۋاملاشقان كۈچلۈك ھۆل يېغىننىڭ تەسىرىدە، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا غول ئېقىنىدىكى جيەنلىدىن ليەنخۇاتاڭغىچە، جيۇجياڭ دەرياسى بۆلىكى، دوڭتىڭخۇ كۆلىدىكى چېڭلىڭجى، پوياڭخۇ كۆلى ئېغىزى، تەيخۇ كۆلى سۈيى چېنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى. يېقىنقى مەزگىلدە غەربىي جەنۇبنىڭ شەرقىي قىسىمى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىنىڭ شىمالىي قىسىمى، خۇەيخې دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە خۇبېيىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يەنىلا ھۆل يېغىن كۆپ بولىدۇ. ھۆل يېغىن ئەھۋالى ۋە قۇرۇلۇشنى تەڭشەش ئەھۋالىغا ئاساسەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن غول ئېقىنىدا سۇ چېنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابلىرى نۆۋەتتە چاڭجياڭ دەرياسى، تەيخۇ كۆلى ۋادىسىدىكى كۈچلۈك يامغۇردىن مۇداپىئە كۆرۈش، تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تاشقىن ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن ئىگىلىشى، ھەر دەرىجىلىك تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش مەسئۇللىرىنى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇن خەتەرنى بىر بىرلەپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، نۇقتىلىق ئورۇنلارغا 24 سائەت كۆزىتىشكە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشى، كەلكۈن سۈيى يىغىلىپ قالغان رايون، ساھىل، دەريا ياقىسىدىكى كىشىلەر ۋە تاغ كەلكۈنى، گېئولوگىيەلىك ئاپەت خەتەر رايونىدىكى كىشىلەرنى يۆتكەپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشتىكى نۇقتىلىق رايون ۋە تاشقىن ئەھۋالى ئېغىر رايونلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملىشىشكە كۆپلەپ ئەۋەتىشى كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئەۋەتىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشتىكى نۇقتىلىق رايونلارغا ئالدىنقى ۋە زاپاس كەسپىي كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەترىتى جەمئىي 3274 قېتىم تۈرلۈك كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، قاپسىلىپ قالغان 6482 كىشىنى خەتەردىن قۇتقۇزدى، قاپسىلىپ قالغان 31مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى بىخەتەر يەرگە يۆتكىدى. 




中央广播电视总台 央广网 版权所有

تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى

ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ئاساسى تاشقىن مەزگىلىگە كىردى. تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق