ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول توك قاچىلاش تورى شەكىللەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:17

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئۈزلۈكسىز قۇرۇلۇپ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، توكلۇق ئاپتوموبىللارمۇ يىراققا بارالايدىغان بولدى. مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزۇن دەم ئېلىشتا، توكلۇق ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى بىر ئاساسلىق قوشۇنغا ئايلانغان، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى توك قاچىلاش قوزۇقلىرىنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرىچە توك قاچىلاش مىقدارى زور كۆلەمدە ئېشىپ 408 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئادەتتىكى چاغلاردىن 3.6 ھەسسە كۆپىيىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن بىر قاتلانغان.

بېيجىڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن، شېنياڭ-خەيكۇ، داچىڭ-گۇاڭجۇ، چاڭچۈن-شېنجېن، بېيجىڭ-خاربىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىكى توك قاچىلاش مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇردى. تارقالغان رايونلاردىن قارىغاندا، توك قاچىلاش مىقدارى ئالدىنقى تۆت ئورۇندا تۇرغان ئۆلكىلەر خېبېي، جياڭسۇ، جېجياڭ، خۇبېي بولدى.

سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا توك قاچىلاش مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، بولۇپمۇ بايرام كۈنلىرىدىكى ئېشىش مىقدارى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان. بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە كۈنىگە ئوتتۇرىچە توك قاچىلاش مىقدارى 250 مىڭ كىلوۋات سائەت بولغان، ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۈنىگە ئوتتۇرىچە توك قاچىلاش مىقدارى 300 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېقىنلاشقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有