ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ يۇدې: قۇملۇق بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:09

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«تۆھپىكار» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ «ۋاڭ يۇدى: قۇملۇق بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن» دېگەن قىسمى.

66 ياشلىق ۋاڭ يۇدىنىڭ يۇرتى نىڭشيا لىڭۋۇغا بولغان دەسلەپكى ئەسلىمىسى ھەممىلا جاينى سېرىق قۇم قاپلىغان، ئاسماننىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان مەنزىرە.

1976-يىلى ۋاڭ يۇدى ئورمانچىلىق سىستېمىسىغا خىزمەتكە كىرىدۇ. 9 يىلدىن كېيىن، ئۇ ئەينى چاغدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىياتى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان نىڭشيانىڭ لىڭۋۇ شەھىرى بەيجىتەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ يۆتكىلىدۇ. ۋاڭ يۇدى ئۆز-ئۆزىگە بىر ئۆمۈر سېرىق قۇم بىلەن ئاداققىچە ئېلىشىمەن دەپ ۋەدە بېرىدۇ.

بەيجىتەندە ھەر بىر ئوتلاق ھەر تۈپ كۈچەتمۇ ئالاھىدە قىممەتلىك. دەرەخ كۆچىتىنىڭ يېتىلىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەيلى قانچە كەچ بولسۇن، شۇ كۈنى ئېلىپ كېلىنگەن دەرەخ كۆچىتىنى دەرھال تىكىش شەرت ئىدى. ۋاڭ يۇدې بۇ كۆچەتلەرنى قۇملۇقتا يىلتىز تارتقۇزۇش بالا بېقىشتىنمۇ تەس دېدى.

ۋاڭ يۇدېنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۈچ ئەۋلاد قۇمنى تىزگىنلىگۈچىلەر جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلىدى، 630 مىڭ مو يەردە قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان ئەھيا قىلدى، ماۋۇسۇ قۇملۇقى بىلەن خۇاڭخې دەرياسى ئارىلىقىدا ئۇزۇنلۇقى 48 كىلومېتىرلىق، كەڭلىكى 38 كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل توساقنى قۇردى، بىر مىليون مو يەردە قۇمنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كونترول قىلىپ، ماۋ ئۇسۇ قۇملۇقىنىڭ غەربكە قاراپ كېڭىيىش قەدىمىنى توساپ، قۇملۇقنى كەينىگە 20 كىلومېتىر چېكىندۈردى.

«خەلق نەمۇنىچىسى» دېگەن دۆلەت شەرەپ نامى ئالدىدا ۋاڭ يۇدې مەن توغرالىققا ئوخشاش ماڭا ئېھتىياجلىق جايدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有