ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ياشلار ۋەكىللىرى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى ئۇزاققىچە مۇقىم

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 10:10

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە قارىتا، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى بىر قىسىم ياشلار ۋەكىللىرى چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى ئۇزاققىچە مۇقىم يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەتەن ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شياڭگاڭ سەرخىللار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گاۋ سۇڭجيې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ھەربىي پاراتنى كۆرگەن شياڭگاڭ ياشلىرى ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىشتى. رەئىس شى جىنپىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى تەكىتلىدى، بۇنىڭدىن دۆلەتنىڭ، رەئىس شى جىنپىڭ بىزنىڭ شياڭگاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،،شياڭگاڭلىق ياشلارمۇ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»قا تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، كەلگۈسى تەرەققىياتتىمۇ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى بويىچە شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدۇ.

شياڭگاڭ سىياسىي كېڭەش ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن جىخاۋ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن تەستە قولغا كېلىدىغان ۋە قىممەتلىك مىللىي مائارىپ دەرسى، يېقىنقى بىر مەزگىلدە شياڭگاڭ ناھايىتى زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى، مېنىڭچە، بۇ شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۈچلۈك مەدەت بولدى، شۇنداقلا شياڭگاڭلىقلارنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ناھايىتى زور ياردەم بەردى.

ئاۋمېن ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى ۋۇ زىنىڭ مۇنداق دېدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» چاسا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ تىرىشىپ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئۇلۇغ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، چۈنكى ئۆزۈم «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» نى يولغا قويغان شەھەردە ياشاۋاتىمەن، شۇنداقلا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» نىڭ ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلدىم.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有