ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ 2019-يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە سۆز قىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 10:08

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن 2019-يىللىق بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەييارلىق خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گاۋ يەن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە 2019-يىللىق دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە سۆز قىلىدۇ.

پاكىستان، سولومون تاقىم ئاراللىرى، كامبودژا، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇھىم ئەربابلار، خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسى ۋە خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. خەلقئارادىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان تەرەپلەر، دۇنيا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار، باغۋەنچىلىك ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، يەرلىكتىكىلەردىن بولۇپ تەخمىنەن 900 ۋەكىلمۇ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. يېپىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، لى كېچياڭ ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有