ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 10:07

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن چىقىرىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن «سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش نىزامى لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارخىپ قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەخسۇس مەمۇرىي قانۇن نىزام تۈزۈپ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئىچكى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. يىغىندا «سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش نىزام لايىھەسى» ماقۇللىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەلىپى چۆرىدىلىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش مەركەز قىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدىكى ئۈنۈملۈك تەجرىبە ئۇسۇللار قانۇن نىزام دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى شۇنداقلا خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە نىشان قىلىنىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان سودا مۇھىتى ئاساسى تۈزۈم قېلىپى بېكىتىلدى.

بىرىنچى، ھوقۇقنى زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىش. بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كىنىشكە بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ئېچىش ۋە بىكار قىلىش رەسمىيەتلىرىنى قىسقارتىشتا جايلار جەمئىيەتكە كارخانا ئېچىشقا ئالاقىدار كىنىشكە گۇۋاھنامىلار، باج بېجىرىش، بانكىدا ھېساب ئېچىش قاتارلىق بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى ئاشكارىلىشى، ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىگە بېجىرگۈچى ئورۇن سەۋەبىنى ئاشكارا چۈشەندۈرۈشى كېرەك، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، سودا ۋە باج تاپشۇرۇشنى بىر كۆزنەكتە بېجىرىش، بىرلىكتە بېجىرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. مەمۇرىي ئىجازەت ۋە تەستىقلارنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىگە قارىتا ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىجازەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش ھەمدە قانۇن بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ دەلىللەش كېرەك.

ئىككىنچى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش. ئاممىۋى خەۋپسىزلىك ۋە ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىككىدە ئىختىيارى بولۇش، بىرنى ئاشكارىلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە قارىتا سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش لازىم.

ئۈچىنچى، بازار سۇبيېكتىنىڭ تىجارەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ شەخسىي مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇندا بېكىتىلگەن ھوقۇق چەكلىمىسى، تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا بازار سۇبيېكتى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ شەخسى مۈلۈكىنى تەكشۈرۈپ پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى باراۋەر ئىشلىتىشى ۋە سىياسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

تۆتىنچى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى گەۋدىلەندۈرۈش. سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق ئاممىۋىي كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار مۇلازىمەت ئۆلچىمى، ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى كېرەك. بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزام، بەلگىلىمە ۋە ھۆججەتلەرنى تۈزۈش، بەلگىلىمە بويىچە بازار سۇبيېكتىنىڭ ۋە كەسپىي جەمئىيەت، سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش، ئەگەر قانۇن نىزام قاتارلىقلار ئاساس بولالمىسا قېلىپلىق ھۆججەتلەر ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ياكى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

بەشىنچى، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا ئالاقىدار قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ۋە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش قىلمىشلىرى، ئاممىۋىي كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ قالايمىقان ھەق يىغىش قىلمىشى، كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا جەمئىيەتلىرى ۋە ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ باھالاش، گۇۋاھلىق بېرىش ۋە بازار سۇبيېكتىنى ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارخىپ قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسى» ماقۇللاندى، لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有